ۋاشىنگتوندا 'دارۋاز' ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى

پەيشەنبە كۈنى ئاخشام ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېتىم بالىلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن "دارۋاز" ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.02.18

فىلىم ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكرات ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى قۇرغان لاۋگەي كۆرگەزمىخانىسىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، فىلىمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېتىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتى، ئىسلام بىلەن كوممۇنىستىك ئىدىيە ئارىسىدىكى ھاياتى ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازلىق سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەسۋىرلەنگەن.

بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە لاۋگەي جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندىلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، فىلىمنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا نۇرغۇن كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتچى ۋۇخۇڭدا ئەپەندى بۇندىن بۇرۇنمۇ "60 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار" ماۋزۇلۇق كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ئۇ،  ئامېرىكىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.