ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى دىنى پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2012.03.08
خىتاي خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇر بەكرى يۇقىرىدىكى سۆزنى بېيجىڭدىكى ئىككى قۇرۇلتايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان بولۇپ، ئۇ: «قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەر دىنى ئەسەبىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دىنى ئەسەبىيلىك دىنى رادىكالىزم ئىدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دىنى رادىكالىزم بولسا زوراۋانلىق تېررور ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خوتەن ۋە قەشقەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئېنىق دىنى رادىكالىزم سەۋەب بولغان» دېگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي دىنى شەرتلىرىنى ئورۇنلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا نۇر بەكرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە دىنى پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قاتتىق نارازى قىلدى.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت باياناتىدا يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىش تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىققا يول ئېچىپ بېرىدۇ» دېدى. نۇر بەكرىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.