دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاقسۇدا ئېلېكترونلۇق دىنىي كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» نامىدا ئېلېكترونلۇق دىنىي كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىكى خەۋىرىدە، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئاقسۇدا «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى خۇلاسىلەش يىغىنى ئېچىلىپ، نەق مەيداندا 13 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە «دىنىي تۈس ئالغان كىيىم-كېچەك، دىنىي تەبلىخ ئۈنالغۇ-سىنالغۇ لېنتىلىرى، ئېلېكترونلۇق قۇرئان، قانۇنسىز دىنىي تەلىماتلار تەرغىب قىلىنغان لوزۇنكىلار» نىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش»، «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى تازىلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. بېيجىڭدا ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىمۇ 6-مارت كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە داۋاملىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆز باياناتىدا، «نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇپ، چەتئەللەردە نەشر قىلىنغان،خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق قۇرئان قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈپ، دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنىغىمۇ خىلاپ قىلمىش. دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر نىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى توسۇشى كېرەك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت