دىيارىم تورىنىڭ ساھىبى دىلشات پەرھات ئىز ‏- دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىن دىيارىم تورى بىلەن ئۇيغۇربىز تورىنى 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنى قۇترىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.27

دىيارىم تور بېتى دىلمۇرات پەرھات ۋە دىلشات پەرھاتتىن ئىبارەت ئاكا - ئۇكىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇلاردىن دىلشات پەرھات ئىز - دېرەكسىز غايىپ؛ ئاكىسى دىلمۇراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىلشات پەرھات 24 - ئىيۇل كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ بىر ھەپتە سوراق قىلىنغان ۋە گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇۋېتىلگەن؛ ئارقىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە يەنى 7 - ئاۋغۇست كۈنى دىلشات پەرھات ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىن بولمىغان. چەتئەللەردىكى ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.

ئىنىسىنىڭ تەقدىرىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقان دىلمۇرات پەرھات نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ئالاقىدار تەشكىلاتلارغا مۇراجەت سۇنۇپ، ئىنىسى دىلشات پەرھاتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مەلۇمات ئېلىش ۋە ئۇنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئۈچۈن ياردەم سورىدى.

نۆۋەتتە ئەنگلىيىدىكى مانچېستېر شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان دىلمۇرات پەرھات، ئىنىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە قوللاشتىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى؛ شۇنداقتىمۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن خالىي بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
 
غەيرىي رەسمىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە بەزى ئۇيغۇرلار كېچىلىرى ئۆزلىرىنى ساقچى دەپ تونۇشتۇرغان نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكتە. يەنە بەزى جايلاردا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ساقچى فورمىسى بىلەن كىرىپ زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمۇ بىلىنمەكتە. مانا بۇ ئەھۋال تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىنى جىددىي شەكىلدە ئەندىشىگە سالماقتا.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.