دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدا مەدەنىيەتنىڭ قوغدىنىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئىھسانئوغلىنىڭ بىر ھەپتە داۋاملاشقان خىتاي زىيارىتى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقان. ئۇ بېيجىڭدىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىنىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.22

ئەكمەلىدىن ئىھسانئوغلى سۆزىدە، رايوندا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭمۇ تەڭ قەدەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن، ئەكمەلىدىن ئىھسانئوغلىنىڭ مەزكۇر سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەرەققىياتتىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، ئەمما مۇخبىرلار غەرەزلىك سوئال سوراپ، ئىھسانئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى سەلبىي تەسىرات يۆنىلىشىگە بۇرمىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇخبىرلارنى سوئال سورىغاندا ئۇسلۇبىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.