دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلۇ ئالدىمىزدىكى ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، زىيارەتنىڭ مەقسىتى ئىسلام دۇنياسى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.05.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەۋەردە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىمۇ، ۋەقەدىن بىر ئاي كېيىن ئۈرۈمچىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. تەكشۈرۈشتىن كېيىن دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيەت قاتلىمىدا مۇسۇلمانلارغا ئورۇن بېرىلمىگەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، شۇنداقلا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاينى تەنقىد قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر زىيارەت 6 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنىدىن 21 ‏- كۈنىگىچە 4 كۈن داۋام قىلىدۇ، ئەمما ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلۇنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.