دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋاشىنگتوندا ئېچىلماقچى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 21 - مايدىن 25 - مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-05-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر ئۈچ يىلدا بىر ئېچىلىدىغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەم ۋەكىللىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان جامائەت ئەربابلىرى، ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر، دىنىي زاتلار قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ۋاشىنگىتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى يىغىن زالىدا ئېچىلماقچى بولغان بۇ نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا يەنە، بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ھەمدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلماقچى شۇنداقلا بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتنىشىدۇ.

باياناتتا كۈرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىلىشتىن ئىلگىرى يەنى 18 - ۋە 19 - ماي كۈنلىرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىلەن ھەمكارلىشىپ " كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمەتلىك 60 يىلى" تېمىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك بىرلەشمە قۇرۇلتىيى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر مىللىي بىرلىكىنىڭ، باراۋەرلىك ھەم ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ دۇنيادىكى ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى دېگەندەك شەرەپلەر بېرىلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېموكراتىك پرىنسىپقا تايانغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ھەم ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا خەلقئارا مىقياسىدا كەڭ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

بۇ نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەت پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى دېموكراتىك ئۇسۇلدا قايتا سايلاپ چىقىلىدىكەن شۇنداقلا قۇرۇلتاي قارمىقىدىكى ئورگانلارغا قارىتا تەرتىپكە سېلىش، تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت