خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان د ئۇ ق تورىغا قارىتىلغان ھۇجۇمى يەنە كۈچەيگەن

خىتاي توربۇزارلىرى گېرمانىيىنى مەركەز قىلغان د ئۇ ق تورىغا قارىتىلغان ھۇجۇمى يېقىندىن بۇيان يەنە كۈچەيگەن. «كاسپارېسكىي»، «ئەلىيان ۋائۇلت» قاتارلىق تور بىخەتەرلىك شىركەتلىرى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتايدىن كەلگەن ۋە د ئۇ ق نى نىشان قىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ يەنە يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.15

يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ 13‏-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، توربۇزارلار جاسۇسلۇق ۋىرۇسى يوشۇرۇنغان مىكروسوفت يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ھۆججەتلىرىنى قوللىنىپ، «ئالما» مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان د ئۇ ق كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

كاسپارېسكىي تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ يەر شارى تەتقىقات-ئانالىز گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى كوستىن رائىئو، ئەگەر جاسۇسلۇق ۋىرۇسى يوشۇرۇنغان مىكروسوفت ھۆججىتى ئېچىلسا، ۋىرۇس مىكروسوفت شىركىتى 2009‏-يىلى 6‏-ئايدا تولۇقلاپ قاچىلىغان مەزكۇر يۇمتالنىڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، د ئۇ ق كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق ھۇجۇمغا دۇچ كېلىشى ئەمەس.

توربۇزارلار ئۆتكەن يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى مەزگىلىدە بىر قېتىم د ئۇ ق تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، تور بېكىتىنى بىر مەزگىل پالەچ قىلىپ قويغان.

كوستىن رائىئونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تور ھۇجۇمى مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، جاسۇسلۇق ۋىرۇسى قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىدىن سۈڭگۈچ ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى شەخسى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ سىرتتىكى مۇلازىمېتىرغا يوللايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.