د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتۇشتىكى مەسچىتلەرگە قاراتقان چەكلىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئاتۇشتىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاتۇشتىكى دىنىي زاتلارنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئاتۇشتىكى مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلارنى چەكلەش ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.12.27

دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، 23-دېكابىر كۈنى دائىرىلەر ئاتۇش تەۋەسىدىكى 22 مەسچىتنىڭ ئىمامى ۋە باشقا دىنىي زاتلارنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز دائىرىسىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، دەم ئېلىشقا چىققان ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇغۇچىلار ھەم 18 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە مەجبۇرىي ئىمزا قويدۇرغان.

دائىرىلەر يەنە دىنىي زاتلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا بېرىلىۋاتقان تەمىناتنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى دىنىي تەلىمات ئېلىپ بېرىشقا ئىجازەت بېرىلگەن كىنىشكىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت ئۆز باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل دىنىي چەكلىمىلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.