شائىر، ئوبزورچى ئەخمەتجان قۇربان ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە تۈرلىرىدە قەلەم تەۋرەتكەن ۋە كۆپىنچىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان شائىر، سىنارىيە ئوبزورچىسى ئەخمەتجان قۇربان ئۆتكەن جۈمە كۈنى 51 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
2011-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شائىر 1960 - يىلى قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېگەن جايىدا دۇنياغا كەلگەن؛ 1982 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن ئەخمەتجان 1982 - يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس خەۋەرلەر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھاياتى بۇيى خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات پرىنسىپلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ ياشىغان شائىر، يېزىقچىلىق ھاياتىدا پارتىيە مەدھىيىۋازلىقى ۋە كالىندارچىلىقتىن باشتىن - ئاخىر ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇپ كېلەلىگەن. ئەخمەتجان قۇربان « يالغانچى توسۇق » ناملىق بالىلار رومانى بىلەن ئەينى چاغ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان بولسا، ئۇ « يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى نېمىنى تەرغىپ قىلماقچى؟ » ناملىق سىنارىيە ئوبزورىدا 1944 - يىلىدىكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ غايىسىنىڭ بۇرمىلانماسلىقى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە مىللىي مەيدانىنى نامايەن قىلغان.

مەرھۇمنىڭ چەتئەلدىكى دوستلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

تولۇق بەت