2001 - يىلىدىن بېرى ئافغانىستاندا 300 ئەنگلىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.06.21
2010.06.21
ب ب س دا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون سۆزىدە، ياز مەزگىلىدە ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: "ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندا تىنچلىق بەرپا بولغاندىلا چېكىندۈرىدۇ،" دېگەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە، ئافغانىستاندىكى خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بۈگۈن ئافغانىستاندا يەنە 6 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئامېرىكىلىق، ئۈچى ئاۋستىرالىيىلىك بولۇپ، قالغان ئىككىسىنىڭ قايسى دۆلەتتىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلانمىدى.