ئەنگىلىيە گۋەنتانامو مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگىلىيە دائىرىلىرى گۋەنتانامو مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنگىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرى جەك ستۋارت بۇ سۆزلەرنى، 27 - ئاپرىل لوندوندا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك ھولدېر بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.04.27

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرى جەك ستۋارت، ئەنگىلىيىنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۋەنتانامونى تاقاش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەم بۇنىڭغا زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە:" ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى بىزدىن تەلەپ قىلسىلا، بىز تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىمىز" دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە دائىرىلىرىگە بۇ خىلدىكى تەلەپنى قويۇپ باقمىغان. نۆۋەتتە، گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 240 نەپەر مەھبۇس قامالغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشكە تەييارلانغان، ئەمما بارىدىغان يېرى يوق ئۇيغۇر قاتارلىق 60 نەپەر مەھبۇس بار بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرىدىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.