ئەنگلىيىنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئادەملەر تۇتقۇن قىلىندى

ئىران ساقچى دائىرىلىرى تېھراندىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان 8 نەپەر ئىرانلىق خىزمەتچىنى قولغا ئالدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر 8 ئادەم ئىراندىكى نامايىشقا قاتناشقانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.06.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېھران ساقچىلىرى مەزكۇر كىشىلەرنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ نامايىشقا كۈشكۈرتكۈچىلەر قاتارىدا سانىغانلىقى پەرەز قىلىنغان. چۈنكى، نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىران دائىرىلىرى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق ھەتتا نامايىشلاردا ئۇلارنىڭ قولى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، ھەتتا ئەنگىلىيىگە تەۋە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن شۇنىڭدەك ئىككى ئەنگىلىيە دىپلوماتىك خادىمىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھېسابلانغان ئىرانلىقلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بايانات ئېلان قىلىپ، تېھراننىڭ ئەنگلىيە ئەلچىنخاسىنىڭ بۇ نامايىشلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئۇيۇشتۇرغۇچىسى سۈپىتىدە ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئىراندىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قاتتىق تەلەپلىرىگە قارىماي ئىران دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى سايلامنى يەنىلا كۈچكە ئىگە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.