ئەنگلىيە سابىق باش مىنىستىرى غەززەنى زىيارەت قىلدى
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بلايىر غەززەنى قايتا قۇرۇش كېرەكلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ توقۇنۇشىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەن. گەرچە، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان بومباردىمانلىرىنى توختاتقان ۋە خاماسمۇ ئۇرۇش توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە تەرەپ ھاماسنىڭ ئۆزلىرىگە داۋاملىق راكېتا ئاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرغان.
ئىسرائىلىيىنىڭ ئۈچ ھەپتىلىك ھۇجۇمىدا 1300 ئەتراپىدا پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە غەززە رايونى ۋەيران قىلىنغان ئىدى.
بلايىر ئوتتۇرا شەرق، جۈملىدىن ئىسرائىلىيە - پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بويىچە خەلقئارالىق ئالاھىدە ئەلچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ بەلكى خاماس ۋە ئىسرائىلىيىنى بىر كېلىشىمگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.