ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ ھەپتە تىبەتتە زىيارەتتە بولىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان تىبەت مەسىلىسىگە ئالاقىدار دىئالوگىغا پاكىت توپلاشقا قارىتىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-09-07
Share

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋان لېۋىس بۇ نۆۋەتلىك تىبەت زىيارىتىدە، بېيجىڭ ۋە لخاسادالاردا بولىدىكەن. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، زىيارەتنىڭ 7 - سېنتەبىر دۈشەنبىدىن 10 سېنتەبىر پەيشەنبىگىچە 4 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىنىستىرلىق يەنە، لېۋىس ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇھىم رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەنگىلىيە ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، لخاساغا بېرىپ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن تىبەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئەھۋالى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"تىبەت ھۆرلۈكى تەشكىلاتى" ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى، زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.

بۇ ئەنگىلىيە يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ ئۆتكەن يىل مارتتىكى تىبەت نامايىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تىبەتنى زىيارەت قىلىشى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت