شۋېتسىيە ئۇيغۇر كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇر كوماندىسى «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى

گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك لوڭقىسى»نى تالىشىش پوتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ بۈگۈنكى مەيدان مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى تالىشىدىغان كوماندىلار ئايدىڭلاشتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-29
Share

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

بۈگۈنكى مەيداندا شۋېتسىيە كوماندىسى بىرگە قارشى 3 نەتىجە بىلەن فرانسىيە كوماندىسىنى، گوللاندىيە ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى زاپاس ئادىمى بولماسلىقتەك قىيىنلىققا دۇچ كەلگەن.

مۇسابىقىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن بەزى تاماشىبىنلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىدا كەسپىي كوماندا قۇرغۇدەك تېخنىكىلىق ساپا بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەتە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىن شاللىنىپ قالغان كوماندىلار 3-لىكنى تالىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا مىسلى كۆرۈلمىگەن كەيپىيات ياراتتى. بۇ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى كەيپىياتتىنلا ئەمەس، يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغانلىقىدىن مەلۇم.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت