ئەركىنلىك سارىيى خىتاينىڭ يېڭى ئىنتېرنەت قائىدىسىنى تەنقىد قىلدى

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى ‏ - ئەركىنلىك سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىدىئو تور بېكەتلىرىگە قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.04.03

باياناتتا يېڭى بەلگىلىمىدە خىتاي تور بەتلىرىگە قارىتا چەكلىمىنىڭ ئېغىرلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر بەلگىلىمە خىتاي دائىرىلىرى دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان "يوئۇتۇبە" ۋىدىئو تور بېكىتىنى توسۇۋېتىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

يېقىندا "يۇتۇبە" ۋىدىئو تور بېكىتىگە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى ئۇرىۋاتقان كۆرۈنۈشى چاپلانغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى " يوئۇتۇبە"دىكى كۆرۈنۈشنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىبەتلەرنى ئۇرغانلىقىنى رەت قىلىپ، "يوئۇتۇبە"نى تاقىغان. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جېنىفېر دىندسور مۇنداق دەيدۇ": بۇ يېڭى چەكلىمە ئىنتېرنەت ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشتا ئەڭ مۇرەككەپ سىستېمىنى يولغا قويغان خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ چاكىنىلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى."

خىتاي دائىرىلىرى" يوئۇتۇبە" نى توسىۋېتىشنىڭ ئالدىدا خىتايدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىن "ئۇيغۇربىز" نى تاقاپ، تور ساھىبى ئىلھام توختىنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغان ئىدى. خىتاي دۆلەتلىك رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە كىنو ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بەلگىلىمىدە "جوڭگو مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى بۇرمىلايدىغان"، "تەن جازاسى"نى مەزمۇن قىلغان ۋىدىئولارنى چەكلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.