خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئايال ئەرزدارلارنى كېشەنلەپ قويغان

بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان بەزى ئەرزدارلارنى تۇتۇپ، ئۇلارنى كىشەنلەپ قويغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-09-15
Share

گېن شىڭيەن ئىسىملىك سىچۈەنلىك ئايال ئەرزدارنىڭ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، سىچۈەننىڭ شۇاڭليۇ دېگەن يېرىدىن كەلگەن بۇ ئايال دېھقان ئەرزدارلار جو بايدىننىڭ چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قىلماقچى بولغان زىيارىتى ئەسناسىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، دەردىنى ئېيتىشنى پىلان قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېىنىدا بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان ساقچىلار ئۇلارنى قولغا ئېلىپ كەتكەن.

ساقچىلار بۇ ئايال ئەرزدارلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، پۇتىنى پولات زەنجىر بىلەن كېشەنلەپ قويغان. ئەرزدار گېن شىڭيەن مۇخىبرغا، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز قولغا ئالغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە تەھدىت ئىشلىتىپ، رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قىينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپىنىڭ تور بېتى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغان ۋەقەدە، قېيىن-قىستاق دەردىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بىر ئەرزدار ئايالنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان رەسىمىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، رەسىمدە ئايالنىڭ پۇتىدىكى كېشەن ئىزلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

بۇ دېھقان ئاياللار تارتىۋېلىنغان يەرلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ئەرزىنى داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن. يەرلىك دائىرىلەر مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت