خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەرزدارلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى مۇھىم مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى

يېقىندا چەتئەلدە چىقىدىغان سەنيۈ ناملىق بىر خىتايچە توربەتتە خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇقىملىق ھەققىدىكى بىر ھۆججىتى كۆچۈرۈپ بېسىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھۆججەتتە، بۇ يىل 10-ئايدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتتىق تەكىتلىنىپ، بىر قاتار چارە- تەدبىرلەر تەشەببۇس قىلىنغان. تەشەببۇس قىلىنغان تەدبىرلەر ئارىسىدا ئۇچۇر-ئالاقىنى كونترول قىلىش بىلەن ئەرزدارلارنى باشقۇرۇش نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن.

ھۆججەتتە ئىككى يىغىن مەزگىلى ۋە ھارپىسىدا، بېيجىڭغا كېلىدىغان ئەرزدارلار ئېقىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كوللېكتىپ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى توسۇش؛ بۇنىڭ ئۈچۈن كونا بېسىلىپ قالغان ئەرزلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئەرزلەرنى مۇمكىن قەدەر يەرلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان.

ھۆججەتتە يەنە، ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جۈملىدىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ھۆججەتتە ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن مەسىلە ئەرزدارلار مەسىلىسى بولۇپ، ئەرزنى ھەل قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، ئەرزدارلارنىڭ يۇرتىدىن قوزغىلىشىغا يول قويماسلىقنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلغان. ئەمما ھۆججەتتە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە جازالاش قاتارلىق چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئەرزدارلار مەسىلىسىدە قاتتىق تەدبىرگە قارىغاندا يۇمشاق تەدبىرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر يەنە خىتاينىڭ بۇ پوزىتسىيىسىدە نۆۋەتتە ئەرەب باھارىنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت