خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيە بازىسىدىن ئەسكەر قاچقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جەمئىيەتنى، قاچقان ئەسكەرلەرنىڭ قولىدا ئاپتوماتىك قورال بار، يېشى 18 ياشتىن 23 ياشقىچە دەپ جىددىي ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن جىلىن شەھىرىدىكى بانكىلار ۋە ئالتۇن بۇيۇم دۇكانلىرى تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
جىلىن شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ب ب س مۇخبىرىغا، بۈگۈن ئازادلىق ئارمىيە بازىسىدىن قاچقان ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىن بىردانە ئاپتوماتىك مىلتىق ۋە 795 پاي ئوقنى ئولجا ئېلىپ، يۈز بەرگۈسى خىيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالدۇق،دەپ جاكارلىغان. ئەمما، يوللانغان يازما ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، بۈگۈن جىلىن شەھىرىدە ھەربي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن. بۈگۈنكى ئەسكەر قېچىش ئاددى ۋەقە ئەمەس، شۇنچە كۆپ مىلتىق ئوقى ۋە تاپانچا ئوقىنى توپلاپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ قاچقان ئەسكەرلەر ھېچقاچان بىر پاي ئاتماي تەسلىم بولمىغان. ھۆكۈمەت ھازىر بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە جەريانىنى قاتتىق يوشۇرماقتا.
