ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، Facebook شىركىتىگە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنى تاپىلىدى

بۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن دىك دۇربىن، Facebook شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا خەت يېزىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىك قوغداشنى ئالاھىدە تاپىلىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.02.11

خەتتە، تۇنىس ۋە مىسىردىكى ۋەقەلەردە، Facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، دۇنيا مىقياسىدا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان دېموكراتىك ھەرىكەتلەردە، بۇ تۈر ۋاسىتىلەرنىڭ يەنىلا مۇھىملىقى تەكىتلەندى. دىك دۇربىن خېتىدە يەنە، دۇنيادا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆكتىچى كۈچلەرنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە Facebook شىركىتىنى، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا ۋاسىتە بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.

Facebook شىركىتىمۇ بۈگۈن خەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ھوشيار تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ھۇشيارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Facebook جاۋابىدا يەنە، مۇشتىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى شىركەتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ئامىل دەپ كۆرسەتتى. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، مىسىردىكى نامايىش ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندا، مىسىر ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى چەكلەپ، نامايىشچىلارنىڭ ئۆز ‏-ئارا ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان.

بۇ چاغدا google شىركىتى بىلەن twitter شىركىتى ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلغان يېڭى مۇلازىمەت تېخنىكىسى بىلەن، مىسىردىكى نامايىشچىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرگەن ئىدى.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، ئىنتېرنېت مۇلازىمەت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ دۇنيادىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئالدىنقى يىلى 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەقەنى كونترول قىلىشتىكى تۇنجى تەدبىرى ئىنتېرنېتنى كېسىۋېتىش بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.