ۋيېتنامدا ئىككى فالۇڭگۇڭچى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

پەيشەنبە كۈنى ئىككى ۋيېتناملىق فالۇڭگۇڭچى ۋيېتنام دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لې ۋانتان ۋە ۋۇ دۇكچۇڭ ئىسىملىك بۇ ئىككى كىشى فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، چىرىكلىك، فالۇڭگۇڭچىلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى پاش قىلىنىدىغان «ئۈمىد ئاۋازى» ناملىق رادىئو پروگراممىسىنى 2009-يىلىدىن بېرى خىتايغا ئۇلاپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.11.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇ ئىككىسىنىڭ ئادۋوكاتى «ۋيېتنامدا فالۇڭگۇڭنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق بىر قانۇن يوق، ئۇلارنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى پۈتۈنلەي قانۇنسىىزلىق» دېگەن.

مەزكۇر سوت پەيشەنبە كۈنى پايتەخت خانويدا ئېچىلغان. شۇ كۈنى يەنە 50 تىن ئوشۇق فالۇڭگۇڭچى ئىككى سەپدىشىنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خانويدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان. نامايىشتا ۋيېتنام ساقچىلىرى 40 تەك نامايىشچىنى قولغا ئالغان.

مەركىزى نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق فالۇڭ دافا تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋيېتنامغا بېسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، بۇ يەردىكى فالۇڭگۇڭچىلارنىڭمۇ قېيىن كۈنگە قالغانلىقىنى ئېيتقان. ۋيېتنام دائىرىلىرى ۋيېتنامدا فالۇڭگۇڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، ئەمما فالۇڭ دافا تەشكىلاتى ۋيېتنامدا نەچچە يۈزلىگەن ئەزاسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.