فالۇنگۇڭچىلار «سىسكو» شىركىتىنى سوتقا ئەرز قىلدى

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق فالۇنگۇڭچىلار ئامېرىكىنىڭ «سىسكو» كومپيۇتېر تېخنىكىسى شىركىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنى باستۇرۇشىغا ماسلىشىپ بېرىش بىلەن سوتقا ئەرز قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فالۇنگۇڭ تەشكىلاتى سوتقا سۇنغان ئەرزىدە، مەزكۇر شىركەت «ئالتۇن قالقان» تور سۈزگۈچ سىستېمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگۇڭچىلارنى تەقىب قىلىشى، ئۇلارنى باستۇرۇشى ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىشىغا يانتاياق بولدى، دېگەن ۋە سىسكو شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كالىفورنىيىدە تۇرۇشلۇق سىسكو شىركىتى مەزكۇر ئەيىبنامىنى رەت قىلىپ، شىركەتنىڭ خىتايدا ھېچقانداق ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقى ھەم ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار 23-چېسلا ئېلان قىلغان باياننامىسىدە «خېرىدارلار مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن قىلىنغان بۇ ئەرز تامامەن ئورۇنسىز. بىز بۇنى قەتئىي رەت قىلىمىز» دېگەن.

نۆۋەتتە بۇ داۋا شىمالىي كالىفورنىيە سان خوزەي شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈلمەكتە.