فىلىپپىن ئەمەلدارى خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ فىلىپپىندىكى يىغىنغا قاتنىشىشىنى چەكلىدى
فىلىپپىن ئەمەلدارى فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ فىلىپپىن پايتەختى مانىلاردا ئېچىلىۋاتقان يىغىنىغا، خىتاي ئەمەلدارىنىڭ قاتنىشىشى چەكلىنىشىدىكى سەۋەبنى ئىزاھلاپ، خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى لى يۇڭشېڭنىڭ فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتىل ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشتا، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار ئەمەلدارىغا سالاھىيىتىگە خىلاپ ھالدا، يۇقىرى ئاۋازدا قوپاللىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئۇ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي شەرتلەرنى ھازىرلىمىدى» دەپ ئەيىبلىدى.
سىپراتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي، فىلىپپىن، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا خىتاي فىلىپپىن، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۈركىلىش يۈز بېرىپ، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن ئىدى.