خىتاي، فىلىملىرىنى توكيو خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدىن چېكىندۈرۈپ چىققان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەنئەتچىلىرى كىنو فىلىمىنى توكيو خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇشتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ، ياپونىيىگە سېنكاكۇ ياكى «دياۋيۈ» ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.19

بۇ قېتىمقى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا خىتاي رېژىسسور ۋاڭجىڭنىڭ «فېڭشۈي» ناملىق فىلىمى مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى. لېكىن توكيو خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى تەشكىلى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاي تەرەپتىن مەزكۇر فىلىمنىڭ فېستىۋالدىن چېكىنىپ چىققانلىقى ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغان. شۇڭا مەزكۇر فىلىمنى فېستىۋالدا قويۇشنى قارار قىلغان.

لېكىن فىلىم ئىشلىگۈچىلەر پەيشەنبە شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىمنى ياپونىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن چېكىندۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئوڭچىلار ئاراللار مەسىلىسىدە دۇرۇس بولماي، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن» ئىكەن.

خىتاي ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى ياقلاپ، خەلقئارا سەنئەت، كىنو فېستىۋاللىرىنى بايقۇت قىلىش ۋەقەلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسە. 2009‏-يىلى خىتاي فىلىم ساھەسىدىكىلەر مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىنى بايقۇت قىلغان.

چۈنكى مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالى خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تېما قىلىنغان «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى فېستىۋالدا قويۇشنى قارار قىلغان ئىدى.

توكيو خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى 28‏-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەزكۇر فېستىۋالدا 15 خەلقئارا فىلىم مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. بۇ مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىنىڭ 25‏-قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.