فىلىپپىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا دېڭىز چارلاش پاراخوتلىرى سەپلىگەنلىكىگە قارشى تۇردى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا يېڭى چارلاش پاراخوتلىرىنى سەپلىگەنلىكىگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.12.28

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رائۇل خېرناندېزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىختىلاپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل چارلاش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ.

ئۇ: فىلىپپىنلىقلار خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىنغا قاراشلىق غەربىي فىلىپپىن دېڭىزىدا ئېلىپ بارغان چارلاش ھەرىكىتىگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ، دېگەن.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنلۈك خەۋىرىدە، تىكئۇچار قونالايدىغان چارلاش پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بۇ يىل 11‏-ئايدا چېگرا قوغداش ساقچىلىرىغا تالاش-تارتىشتىكى دېڭىزغا كىرگەن چەتئەل پاراخوتلىرىنى توختىتىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بۇنىڭ تالاش-تارتىشتىكى بۇ رايوندا قوشنا ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا قارشىلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن.

بۇ يىل 4‏-ئايدا خىتاي-فىلىپپىن ئىككى تەرەپ چارلاش پاراخوتلىرى سكاربورى ئارىلى ئەتراپىدا تىركىشىپ قېلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن ئىدى. فىلىپپىن دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ چارلاش پاراخوتلىرىنى تەڭ چېكىندۈرۈشكە كېلىشىپ، فىلىپپىن تەرەپ پاراخوتلىرىنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپ ۋەدىسىدە تۇرمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.