ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.20
2008.11.20
باياناتتا، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى ۋاشنگتون رايونى ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى رىچاردو ئۇربىنانىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا چاقىرىلغان.
24 - نويابىر يەنى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ۋاشنگتون رايونى ئامېرىكا ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلسىنى كۆرۈپ چىقىدۇ.
8 - ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشنگتون رايونى فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئوربىنا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.
لېكىن 20 - ئۆكتەبىر كۈنى ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سوتچى ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ
قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى قارارىنى توختىتىپ قويۇپ ھەققىدىكى ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.









