غەززە 613 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادى ياردەمگە مۇھتاج

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون، داۋوستا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان " دۇنيا ئىقتىسادى مۇنبىرى" يىغىنىدا غەززەنىڭ 613 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-01-29
Share

بان كىمون غەززەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، غەززە خەلقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە قۇتقۇزۇشقا مۇھتاجلىقىنى، بولۇپمۇ خەلقنىڭ سەھىيە جەھەتتە تەمىنلىنىشى شۇنىڭدەك پاكىزە سۇ ئىستىمال قىلىشغا كاپالەتلىك قىلىنىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جون ھولمس، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ غەززە ئۈچۈن باشلاتماقچى بولغان ياردىمىگە، ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قامال قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان 412 نەپەر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1300 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، 21 مىڭ ئۆينى ۋەيران قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە، بارلىق پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى ۋە ئورگانلىرىنى 6 ئاي ئىچىدە غەززەنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت