خىتاي غۇلجىدا ئېلىپ بارىدىغان «كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» پىلانىنى ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورى بۈگۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بارىدىغان كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇ پىلانىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئاسارە - ئەتىقىلەرنى قوغداش ۋە مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە ساياھەت ئورنى بەرپا قىلىش دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.07.28

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر، غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بارىدىغان كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش دېگەن پىلانىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باي بولۇش يولى دەپ جاكارلىغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمىچىدە كونا بىنالارنى يېڭىلاش دېگەن نام بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بىنا قىلىنغان چوڭ بازار قاتارلىق قۇرۇلۇشلار، خىتايلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەردىمۇ، كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش دېگەن نام بىلەن قەشقەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرالغۇلىرىنى چىقىشقا باشلىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.