گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى خاتىرىلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.10.03
2010.10.03
گېرمانىيە باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل 20 يىلدىن بۇيان شەرقىي گېرمانىيىلىكلەرنىڭمۇ تەرەققىياتلارغا زور ھەسسە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىككى گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە گېرمانىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ سەمىمىي ئىتتىپاقدېشى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ دوستلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە "گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ياۋروپا قۇرۇقلۇقى ۋە پۈتۈن يەر شارى ئۈچۈن ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئەركىنلىكلەرنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى" دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن.
گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىش بايرىمىنى رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋمۇ تەبرىكلىگەن بولۇپ، ئۇ گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ رۇسىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۈچۈن ئاساس سالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.