' گېرمانىيە 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك'

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى يېڭى سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش پىلانى ھەققىدە توختىلىپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ھەربىي تۈرمىدە يېتىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.22

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى گاۇنتەر نوك بۇ سۆزلەرنى فرانكفۇرتەر رۇنشاۋ گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرى مەزكۇر گېزىتىنىڭ 20 - دېكابىردىكى سانىغا بېسىلغان.

نوك گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنىڭ ئامېرىكا ئۇچۇن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئەمما، بۇ يەرگە قامالغان تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان جاي تېپىلماسلىقى سەۋەبلىك، بۇ تۈرمىنى تاقاش ئىشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نوك گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش پىلاننىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىدا، گېرمانىيىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئوبامانىڭ گۇئانتانامونى تاقاش ئىشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى ۋە گېرمانىيىنىڭ مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر دەرىجىلىك فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان 17 نەپەر ئۇيغۇر، پەقەت ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ تۈرمىدە داۋاملىق ئىزتىراپ چېكىشكە مەجبۇر بولماقتا.

ھازىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.