گېرمانىيە باش مىنىستىرى گۇئەنتانامو مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل شەنبە كۈنى، گۇئەنتانامو مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر گېرمانىيىنىڭ فوكۇس ھەپتىلىك خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مېرگېل خانىم گېرمانىيىنىڭ ئامېرىكىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن گۇئەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى يېقىندا گېرمانىيىدىن بىر قىسىم سۈرىيىلىك، پەلەستىنلىك ۋە ئىئوردانىيىلىك مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھازىرچە گېرمانىيە تەرەپنىڭ قايسى خىلدىكى تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە دائىرىلىرى نۆۋەتتە گۇئەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر گۇئەنتانامودا يەنە 181 نەپەر تۇتقۇن بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش نەپەر ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇلار "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلانغان ئىدى.

ئەسلى گۇئەنتانامودا 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 17 نەپىرى باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت