گېرمانىيە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىدى

خىتايدا زىيارەتتىكى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇيدو ۋېستېرۋېللې جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتايلار ئاز سانلىق دەپ قارايدىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە، بۇ مەسىلىدىكى پىكىر ئىختىلاپى ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ۋېستېرۋېللېنىڭ ئۆتكەن يىلى 10‏ - ئايدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە خىتاينىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ۋېستېرۋېللې ياڭ جيېچى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ، "گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالار ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئابستراكىت نەرسە ئەمەس ، بەلكى كونكرېت نەرسە، دەپ قارايدىغانلىقى"نى، ئۇلارنىڭ يەنە "تىبەت ۋە مەدەنىيەت ئاز سانلىقلىرىنى قوغداش مەسىلىسىگە ئوخشاش ئىككى تەرەپ ئارىسىدا پىكىر ئىختىلابى مەۋجۈت تېمىلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

ۋېستېرۋېللېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياڭ جيېچى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ۋە Google مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى چۈشەندۈرگەن بولۇپ، ياڭ خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ۋە پىسخولوگىيىلىك زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

Google شىركىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاينىڭ Google ئارخىپىغا كىرىپ، ئۆكتىچى شەخسلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغانلىقىنى، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا خىتايدىكى پائالىيىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت