Google شىركىتى كېلەر ئاي خىتايدىكى كەسپى پائالىيىتىنى توختىتىشى مۇمكىن

"جۇڭگو سودا گېزىتى"نىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، Google ئىنتېرنېت شىركىتىڭ 10 - ئاپرېل كۈنى خىتايدىكى تور مەشغۇلاتىنى توختىتىپ، خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 شاڭخەيدىن چىقىدىغان مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە Google شىركىتىنىڭ خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى 22 - چېسلا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن Google شىركىتى 10 - ئاپرېلدا خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا ياكى يالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ باقمىدى.

Google شىركىتى بۇ يىل 1 - ئايدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى Google تورىنىڭ خىتايچىسىغا توردا نازۇك سىياسىي ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە چەكلىمە قويۇشنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلسا، خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ Google ئارخىپىغا ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مالىيە - تېخنىكا ئۇچۇرىنى ئوغرىلىشى سەۋەب بولغان ئىدى.

 "نيۇ - يورك ۋاقتى" گېزىتى 18 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە Google غا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شەندۇڭدىكى لەنشياڭ كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى "پۈتۈنلەي ئاساسسىز" دەپ ئىنكار قىلغان ئىدى.

 Google نىڭ پوزىتسىيىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنىنى تېزرەك ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىدىغان چاقىرىقلار كۈچەيگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت