گروزىيىدە بۈگۈن ناتونىڭ ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى

بۈگۈن گروزىيىدە ناتونىڭ ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تىبلىستىن بايان قىلىشىچە، گروزىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن تىبلىس شەھىرىگە يېقىن بىر ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن ئەسكىرىي ئۆزگىرىشنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنجىتقاندىن كېيىن، گروزىيىدە بۈگۈن ناتونىڭ ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-05-06
Share

بۇ ھەربىي مانىۋېرغا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن 18 دۆلەتنىڭ 1300 ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرى قاتناشتى. گروزىيە بۇ ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىشىنى كۈتىۋاتقان دۆلەتلەردىن شىۋىتسارىيە، قازاقستان، مولداۋىيە، سېربىيە، ئەرمىنىيىلەر قاتناشمىدى.

گروزىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داۋىت دزوكادزىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ھەربىي مانىۋېر ئاز دېگەندە 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋېتىۋ بۈگۈن گروزىيىدە ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى 'ئۇچۇقتىن - ئۇچۇق ئىغۋاگەرچىلىك' دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، گروزىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تۆت ھەپتىدىن بۇيان تبلىس شەھىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ، نامايىشچىلار پرېزىدېنت ساكاشۋىلىنى 'تەختتىن چۈشسۈن' دەپ شۇئار توۋلاۋاتىدۇ.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت