گروزىيىدە بۈگۈن ناتونىڭ ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى
بۇ ھەربىي مانىۋېرغا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن 18 دۆلەتنىڭ 1300 ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرى قاتناشتى. گروزىيە بۇ ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىشىنى كۈتىۋاتقان دۆلەتلەردىن شىۋىتسارىيە، قازاقستان، مولداۋىيە، سېربىيە، ئەرمىنىيىلەر قاتناشمىدى.
گروزىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داۋىت دزوكادزىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ھەربىي مانىۋېر ئاز دېگەندە 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋېتىۋ بۈگۈن گروزىيىدە ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى 'ئۇچۇقتىن - ئۇچۇق ئىغۋاگەرچىلىك' دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، گروزىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تۆت ھەپتىدىن بۇيان تبلىس شەھىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ، نامايىشچىلار پرېزىدېنت ساكاشۋىلىنى 'تەختتىن چۈشسۈن' دەپ شۇئار توۋلاۋاتىدۇ.