گۇاڭدۇڭلۇقلار نامايىش قىلىپ، ئانا تىل تەلەپپۇزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە يەرلىك پۇقرالار دۈشەنبە كۈنى يەنە نەچچە مىڭ كىشىلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، دائىرىلەردىن گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يەرلىك گۇاڭدۇڭلۇقلارنىڭ يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە 2 ‏ - قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.08.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇلار بىرىنچى قېتىم 7‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، يەرلىك تىلنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم نامايىشچىلار گۇاڭجۇنىڭ يۆشيۇ رايونىدىكى بىر باغچىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن.

ئۇلار "گۇاڭجۇ خەلقى گۇاڭدۇڭ تىلىنى سۆزلەيدۇ" دەپ شۇئار توۋلىغان بولۇپ، دائىرىلەر نۇرغۇن ساقچى يۆتكەپ كېلىپ باغچىنى قورشىغان ھەم نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان. يەرلىك ئاممىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەرياندا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، ۋەقەدە ئاكتىپ رول ئوينىغان بەزى ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان.

شۇ كۈنى خوڭكوڭدا بىر تۈركۈم كىشىلەر نامايىش قىلىپ، گۇاڭجۇ خەلقىنىڭ يەرلىك گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى "شىنجاڭ"دا ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

يېقىندا گۇاڭجۇ شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ بىر ئەزاسى تەكلىپ بېرىپ، گۇاڭجۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگرامملىرىنى "پۇتوڭخۇالاشتۇرۇش"نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن بۇ تەكلىپ گۇاڭدۇڭلۇقلارنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.