گۇاڭشىدا ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۈيپىڭ شەھىرى نەنمۇ بازىرى دۇتۇ كەنتىدە مەجبۇرىي يەر ئىگىلەشكە كەلگەن كادىرلار ھەم ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.03.06

دۇتۇ كەنتىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاڭ فامىلىلىك دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارغا ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت كادىرلىرى،ساقچىلار ھەم سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنى باشلاپ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن كەنتكە بېسىپ كىرگەن. نەتىجىدە يەر تېرىۋاتقان دېھقانلار بىلەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت باشلاپ كەلگەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرىنى ئېتىپ ئەتراپقا توپلاشقان دېھقانلارنى تارقىلىشقا بۇيرۇغان. ساقچىلارغا قارشىلىق قىلغان ئوتتۇزدىن ئارتۇق دېھقاننى ساقچىلار توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. ۋەقەدە باشلامچىلىق قىلغان نەچچە ئون دېھقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

توقۇنۇشتىن كېيىن، يېڭى ئىرا قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە ۋەقە ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى خادىملار رادىئومىزغا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە خەۋەر بېرىشنى رەت قىلدى.

نۆۋەتتە خىتايدىكى يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار مەسىلىسى خىتايدىكى ئەڭ نېگىزلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلىگەن . ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر پارىخورلۇق ھەم چىرىكلىك ئەۋج ئالغان خىتايدا،شىركەتلەر ھەم يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىپ، ئارىدىن زور نەپ ئېلىش ئەھۋالىنى توسۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.