ئادۋوكاتلار گۇئەنتانامودىكى بەش ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇئەنتانامو تۈرمىسىدە تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئاخىرقى بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتلىرى، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، بۇ بەش ئۇيغۇرنى ئامېرىكىدا ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.04.07

ئامېرىكا سوتچىسى 2008‏- يىلىدىلا، گۇئەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن ئىدى. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، گەرچە تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان بۇ مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى توسۇپ قويغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى باشقا جايلارغا يۆتكەپ بېرىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گۇئەنتانامودا تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بۇ بەش ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتلىرى سۇنغان ئەرزىدە، "بۇ بەش ئۇيغۇر ھەرگىزمۇ بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز ئەمەس، بۇلارغا سىياسىي ئەمەس، بەلكى تامامەن قانۇن بويىچە مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر بۇلار گۇئەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقىلى توققۇز يىل بولغاندىمۇ، يەنىلا بۇلارنىڭ ھوقۇقىغا قانۇن تەرىپىدىن سەل قارالسا، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ھۆكۈمەت ئادۋوكاتلىرى بولسا، "بۇ بەش ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلماقچى بولغان پالاۋمۇ ئۇلار تاللىۋالىدىغان يەنە بىر يول،" دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.