گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ باش ئادۋوكاتى سېيبىن ۋىللەت ئامېرىكا ئالىي سوتىنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشقا چاقىردى

گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ باش ئادۋوكاتى سېيبىن ۋىللەت جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوتىغا مەكتۇپ يوللاپ، سوتنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىنى بىكار قىلىشى ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.20

2008 - يىلى 7 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربىنا ئەپەندى، ئەينى ۋاقىتتا گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى.

كېيىن، بۇش ھۆكۈمىتى سوتچى ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنغان ۋە سوتتا ئۇتقان ئىدى.

ئەرزىيەت سوتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىغان گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىڭ ئادۋۇكاتلىرى ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ئەرز يوللاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىغا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ دېلوسىغا 23 - مارت قاراپ چىقىشىنى پىلان قىلغان.

بۇ ئاينىڭ 3 - كۈنى شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۇەنتانامودىكى ئىككى نەپەر ئاكا - ئۇكا مەھبۇسنى قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلغان مەزگىلدە ئوباما ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ئالىي سوتىغا تەكلىپ يوللاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
 
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، سېيبىن ۋىللەت، بۇ ئۇيغۇرلارنى گۇەنتانامودا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشتا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بوش ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش تاكتىكىلارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلگىرى گۇەنتانامودا 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 17 نەپىرى باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلۈپ بولۇنغان، ئەمما قالغان 5 نەپىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھازىرچە نامەلۇم.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.