ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ1 - مارتتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-03-01
Share

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەرزى ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان بولۇپ، ئەرزدە ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن ھازىرغا قەدەر بىرەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماي گۈەنتانامودىكى لاگېردا ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئوربىنا قاتارلىقلار 2008 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا قارار چىقىرىپ، لاگېردىكى "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ جاكارلانغان بولسىمۇ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان ئىدى. لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، فېدېرال رايونلۇق سوتنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

فېدېرال ئوتتۇرا سوت بولسا رايونلۇق فېدېرال سوتنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، چەتئەل زېمىنىدىكى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش - بەرمەسلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە بولۇپ، سوتنىڭ ھۆكۈمەتكە بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇ ئەھۋالدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا رايونلۇق فېدېرال سوتنىڭ ئەسلىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، فېدېرال ئوتتۇرا سوتنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىمۇ، بۇلتۇر 12 - ئايدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
 
بۈگۈن ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ھازىر لاگېردا قالغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 2 نەپىرىنىڭ شۋېتسارىيىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، يەنە 5 نەپىرىنى بولسا پالاۋ دۆلىتى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نارازىلىق ئەرزىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت