ھىللارىي كلىنتون: ئاۋسترالىيىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايدىن بىرىنى تاللاش مەجبۇرىيىتى يوق

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا ئاۋسترالىيىدە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا. ئۇلار ئاۋسترالىيە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى بوب كار، مۇداپىئە مىنىستىرى سىتىفىن سىمىسلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ئارىسىدىكى ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتناشقان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.11.15

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيىدىكى بەزى ئۆكتىچى سىياسىي گۇرۇپپىلار ئاۋسترالىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي جەھەتتە بۇنداق قويۇق ئالاقە ئورنىتىشىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، ئاۋسترالىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سايىسى ئاستىدا قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرقى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان.

ھىللارىي كىلىنتون بۈگۈن ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكى كۆز قاراشنى رەت قىلغان. ئۇ ئاۋسترالىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا قېلىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى، ئاۋسترالىيىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ھېچكىمگە توسالغۇ ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ «تىنچ ئوكيان ھەممىمىزگە يېتىدۇ، ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن جۈملىدىن خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىز ئاۋسترالىيىنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ھەر تەرەپتىن قوللايمىز» دېگەن.

بۇ نۆۋەتلىك خەۋپسىزلىك يىغىنىدا، ئامېرىكا ئاۋسترالىيىگە ئىككى ئالەم كۆزىتىش سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە ئاۋسترالىيىدە تۇرىدىغان ئامېرىكا دېڭىز ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشقا ئوخشاش مۇھىم قارارلار ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.