ھىندىستان بومبايغا ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىسىم - تەخەللۇسىنى ئېلان قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.10
2008.12.10
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مەخسۇس ھەربىي تەلىم كۆرگەندىن كېيىن بومبايغا كېلىپ بىگۇنا خەلققە ھۇجۇم قىلغان 10 نەپەر جىنايەتچىنىڭ ئىچىدە، ھىندىستان پەقەت بىرلا كىشىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلمىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن. بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى ھازىر ھىندىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى قاساب.
ھىندىستان تەرەپتىن بومباي ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتقان باش تەپتىش مارىيا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ يېشى 20 ياشتىن 28 ياشقىچە. ئۇنىڭ بەزىلىرى ھەربىي تەلىمگە قاتناشقاندا ئۆزىگە تەخەللۇس قوللانغان. يېشى ئەڭ كىچىكى پانجاپلىق 'شوئەيب' بولۇپ، ئۇ ئىسمىنى 'سوھەب' كە ئۆزگەرتكەن. بۇلارنىڭ يېتەكچىسى لەشكىرىي تائىبەنىڭ پىشقەدەم ئەزاسى ئىسمىر خاقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، پاكىستان تۈنۈگۈن بومباي ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى كىشىنى قولغا ئالغان، ئەمما ئۇلارنى ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان.