خىتاي دالاي لامانىڭ ھىندىستان باش مىنسىتىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ھىندىستاندا چىقىدىغان 'تېز خەۋەر گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دالاي لامانىڭ ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنخا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇلتۇر ھىندىستان باش مىنىستىرى ئارۇناچال شتاتىدىكى داۋان رايونىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ، دالاي لاما زىيارەت قىلغاندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى 'بۇ جەنۇبىي تىبەت'، بۇ رايون خىتاينىڭ زىمىنى دەپ جاكارلاپ مۇنداق تەلەپپۇز بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ ياردەمچىسى دەنبا سېرىن تۈنۈگۈن دارامسالادا، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا چۈشەنچە بېرىپ، دالاي لاما ئادەتتە خالىغان ۋاقىتتا ھىندىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، بۇ ئىنتايىن نورمال ئالاقە دەپ جاكارلىغان.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى كىرىشنامۇ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا 'دالاي لاما بىر دىنىي داھى، ھىندىستان ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ ئەربابنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى خالىمايدۇ' دەپ جاكارلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت