ھىندىستان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېلىپ باردى

19 - ماي سەيشەنبە كۈنى، ھىندىستان دائىرىلىرى يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئانالىزلارغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت سىناق قىلىنغان بومبا جەنۇبىي خىتاي رايونلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ھىندىستان ئۆزى ياساپ چىققان ئەگنى ( يالقۇن) تىپلىق بومبا ھىندىستاننىڭ ئورىسسا شتاتىغا قاراشلىق ۋېلېرس ئارىلىدا سىناق قىلىنغان بولۇپ، ئۇچۇش مۇساپىسى 3مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگى 2 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىر توننا ئېغىرلىقتىكى يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ھىندىستاندىن چىقىدىغان "جانې مۇداپىئە خەۋەرلىرى" گېزىتىدە بېرىلگەن ئانالىزدا، ھىندىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا رەقىبى پاكىستانغا قارشى ياسالغانلىقى، ئەمما بۇ نۆۋەت سىناق قىلىنغان بومبىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي شەھەرلىرىگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت