خوتەندە H1N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان 22 كىشى بايقالغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى خوتەندە 22 كىشىنىڭ ھ1ن1 تىپلىق ئەجەللىك زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.03.12

نۇر بەكرى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا يەنە، يەرلىك ئورگانلارنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ۋىرۇسنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقى، «نۆۋەتتە بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە كەڭ كۆلەملىك پارتلاش ئېھتىماللىقى يوقلۇقى» بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندىكى بىر قانچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىل ۋىرۇس بايقالغان. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى جۈرئەت ئىمىن، ھازىرغىچە 22 كىشىنىڭ بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى رەسمىيلەشكەنلىكى، ۋىرۇسنىڭ ئەڭ بۇرۇن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدا بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خوتەندە يېقىنقى 8 ئايدىن بۇيان ئەجەللىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ 2‏-قېتىم بايقىلىشىدۇر. خوتەندە ئۆتكەن يىلى 6‏-ئايدا بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى بايقىلىپ، ئەڭ ئاز بولغاندا بىر بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خوتەنگە تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنى يوللىغان ئىدى. دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سەھىيە تارماقلىرى رايوندىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە يەسلىلەردە، ھ1ن1 تىپلىق ۋىرۇس تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.