ھۈسنى مۇبارەك 3-ئاۋغۇست قاھىرەدە سوتقا تارتىلىدۇ
2011.07.28
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىردا يۈز بەرگەن خەلق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھۈسنى مۇبارەك 3-ئاۋغۇست كۈنى قاھىرەدە سوتقا چىقىدىكەن. مىسىر سەھىيە مىنىستىرى ھۈسنى مۇبارەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قاھىرەدە سوتقا چىقىشقا يار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھۈسنى مۇبارەك شام ئەل شەيىختىكى بىر دوختۇرخانىدا نەزەربەند ئاستىدا داۋالىنىۋاتقان ئىدى. ئىلگىرى، بۇ يىل 83 ياشتا بولغان ھۈسنى مۇبارەكنىڭ تەن-سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسيانچىلار ھۈسنى مۇبارەكنىڭ جازادىن قېچىپ كېسەلمەن بولۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
ھۈسنى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ يۈز بەرگەن شۇ قېتىملىق خەلق ھەرىكىتىدە 840 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ھۈسنى مۇبارەك بولسا ۋەقەدە نامايىشچى ئاممىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلىدىغان سوتتا ھۈسنى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ جامال ۋە ئەلا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى شۇنداقلا بىر قانچە سابىق مىنىستىرلار جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.