خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى ئۆلۈم ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشكە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشكە چەكلىمە قويۇپ، قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش سىستېمىسىغا كۆچىدىغانلىقى، بۇ سىستېمىنىڭ كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئىچكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى ئەڭ روناق تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى گۇرۇھلار خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بىلەن تەپتىش ئورگىنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى يەڭگۈشلەشكە ئېھتىياجلىق پۇلدار بىمارلارغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق غايەت زور پايدا تېپىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا مەھبۇسلارنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.

خىتاي مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىپ، «جۇڭگو... 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بىنورمال ئۇسۇلنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدۇ» دېگەن. بىراق ئۇ، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەپتىش ئورگىنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالىدىغان ئەھۋالغا قانداق خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2007‏-يىلدىن باشلاپ ئىچكى ئەزالار سودىسىنى چەكلەپ، ئىئانە تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي دۇنيادىكى ئىچكى ئەزالار ئەتكەسچىلىكى ئەڭ روناق تاپقان دۆلەت بولۇشتەك ئەھۋالدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى.

پەرەز قىلىنىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى بىر مىليون 500 مىڭ بىمار ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بىراق ئاران 10 مىڭ بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالايدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال ئىچكى ئەزالار ئەتكەسچىلىكىنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت