خىتاي ئىچكى موڭغۇلدىن زور مىقداردىكى ئۇران زاپىسى تاپتى

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا ئىچكى موڭغۇل تېررىتورىيىسىدە ئەڭ زور مىقداردىكى ئۇران رودا زاپىسىنى تاپقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇران كانىنى قېزىشنىڭ خىتاينىڭ ئۇران زاپىسىنى ئاشۇرۇش ھەمدە خىتاينىڭ يادرو ساھەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.11.06

بۇ ھەقتە رۇسىيىنىڭ ئىتار-تاس ئاگېنتلىقى مەخسۇس ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، ئىتار-تاسنىڭ نەقىل كۆرسىتىشىچە، رۇسىيىنىڭ باشقا ئاگېنتلىقلىرىدىن «گران.رۇ» مۇ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، ئەسلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇران مەنبەسى ئىكەنلىكى، 2008-يىلى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 10 مىڭ توننا دەپ پەرەز قىلىنغان ئۇران رۇدىسى زاپىسىغا ئىگە ئۇران مەنبەسىنى تېپىپ ئېچىشقا كىرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان.

رۇس مەنبەلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي نۆۋەتتە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، نامىبىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۇران ئىمپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرانغا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىقلارغا ئىگە.

خىتاي ئىچكى موڭغۇلدىن زور مىقداردىكى ئۇران زاپىسى بىلەن بىرگە يەنە 51 مىليارد توننا ئەتراپىدىكى كۆمۈر زاپىسىمۇ تاپقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.