پەيزىۋات ناھىيىسىدىن 3 يىلدا 19 مىڭ ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلدى

بۇ يىل پەيزىۋات ناھىيىسىدىن 4300 ئۇيغۇر ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن. شىنخۇا ئاخباراتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان پەيزىۋات ناھىيىسىدىن خىتاينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە جېجىياڭ قاتارلىق رايونلىرىغا 19 مىڭ ئىشلەمچى يۆتكەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.12

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلدە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئاساسلىق ئۇيغۇر ياش قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان.

بۇ يىل 26 - ئىيۇندىكى شاۋگۇەن ۋەقەسى ۋە مەزكۇر ۋەقەدە بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشى، خىتاينىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا يۈرگۈزۈۋاتقان "ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 26 - ئىيۇن شاۋگۇەن قانلىق ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلماي، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى جامائەتتىن يوشۇرغاندىن كېيىن، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، نامايىشچى ياشلارنى ئوققا تۇتقان ۋە قانلىق باستۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.